سۈرە 13 · پارە 13

سورة الرعد · 13:38

وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلًا مِنْ قَبْلِكَ وَجَعَلْنَا لَهُمْ أَزْوَاجًا وَذُرِّيَّةً ۚ وَمَا كَانَ لِرَسُولٍ أَنْ يَأْتِيَ بِآيَةٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۗ لِكُلِّ أَجَلٍ كِتَابٌ

بىز سەندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا خوتۇنلار ۋە بالىلار بەردۇق، ھەرقانداق پەيغەمبەر اﷲ نىڭ ئىزنىسىز مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ھەربىر ۋاقىتنىڭ (ئۆزىگە مۇناسىپ) ھۆكمى بولىدۇ

تەپسىر

ئەي پەيغەمبەر! بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ ئىنسانلار ئىچىدىن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق. سەن پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇنجىسى ئەمەس. بىز ئۇلار ئۈچۈنمۇ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش جۈپتلەرنى قىلغان، پەرزەنتلەر ئاتا قىلغان ئىدۇق، ئۇلارنى ئۆيلەنمەيدىغان ۋە بالا تاپمايدىغان پەرىشتە قىلغىنىمىز يوق. سەنمۇ ئۆيلىنىدىغان ۋە بالا تاپىدىغان ئاشۇ ئىنسان تىپىدىكى پەيغەمبەرلەر ئىچىدىن بىرىسەن. مۇشرىكلار سېنىڭ شۇنداق بولغانلىقىڭدىن نېمىشقا ئەجەبلەنگۈدەك؟ ھېچبىر پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆز ئالدىغا بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ. ھەر بىر ئىشنى ئاللاھ پۈتۈۋەتكەن بىر كىتاب بار بولۇپ، ھەممىسى شۇ كىتابقا خاتېرىلەنگەندۇركى، ھېچكىمنىڭ ئەجىلى ئازراقمۇ ئىلگىرى كەلمەيدۇ، كېچىكىپمۇ قالمايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ