سۈرە 13 · پارە 13

سورة الرعد · 13:37

وَكَذَٰلِكَ أَنْزَلْنَاهُ حُكْمًا عَرَبِيًّا ۚ وَلَئِنِ اتَّبَعْتَ أَهْوَاءَهُمْ بَعْدَمَا جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ مَا لَكَ مِنَ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا وَاقٍ

شۇنىڭدەك (يەنى ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلەرگە ئۆز تىلىدا كىتاب نازىل قىلغىنىمىزدەك)، قۇرئاننى ئەرەب تىلىدا (كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا چىقىرىشقا) ھۆكۈم قىلىپ نازىل قىلدۇق، سەن ئىلىمگە ئىگە بولۇپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ (يەنى ئەھلى كىتابنىڭ) نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ كېتىدىغان بولساڭ، ساڭا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى ۋە سېنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى بولمايدۇ

تەپسىر

ئەي پەيغەمبەر! ئىلگىرىكى كىتابلارنىمۇ ئۆز قەۋمىنىڭ تىللىرىدا نازىل قىلغىنىمىزغا ئوخشاش، قۇرئان كەرىمنىمۇ توغرا - خاتانى ۋە ھالال - ھارامنى ئايرىغۇچى، ھەقىقەتنى يورۇتۇپ بەرگۈچى ھالەتتە ئەرەب تىلىدا نازىل قىلدۇق. ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر سەن ئاللاھ تائالا ساڭا ئۆگەتكەن ئىلىم كەلگەندىن كېيىنمۇ يەنە ئەھلى كىتابنىڭ ھاۋايى - ھەۋەسلىرىگە ماس كەلمەيدىغان ئايەتلەرنى تاشلىۋېتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خاھىشى بويىچە ئىش قىلساڭ، بۇ چاغدا ئاللاھ تەرەپتىن سېنىڭ ئىشىڭغا ئىگە بولىدىغان ۋە دۈشمىنىڭگە قارشى ساڭا ياردەم بېرىدىغان ھېچكىم يوق، سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغداپ قالىدىغان ھىمايىچىمۇ بولمايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ