سۈرە 13 · پارە 13

سورة الرعد · 13:36

وَالَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ يَفْرَحُونَ بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ ۖ وَمِنَ الْأَحْزَابِ مَنْ يُنْكِرُ بَعْضَهُ ۚ قُلْ إِنَّمَا أُمِرْتُ أَنْ أَعْبُدَ اللَّهَ وَلَا أُشْرِكَ بِهِ ۚ إِلَيْهِ أَدْعُو وَإِلَيْهِ مَآبِ

(ئى مۇھەممەد!) بىز كىتاب (يەنى تەۋرات ۋە ئىنجىل) نازىل قىلغانلار (يەنى ئابدۇللا ئىبن سالام ۋە نەجاشىغا ئوخشاشلار) ساڭا نازىل قىلىنغان (قۇرئان) دىن شادلىنىدۇ. (ساڭا قارشى) ئىتتىپاق تۈزگەنلەرنىڭ ئارىسىدا (ھەقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ گەدەنكەشلىكتىن) قۇرئاننىڭ بەزى (جايلىرىنى) ئىنكار قىلىدىغانلارمۇ بار. (ئى مۇھەممەد!) «مەن پەقەت (يالغۇز) اﷲ غىلا قىلىشقا، اﷲ قا (ھېچ نەرسىنى) شېرىك كەلتۈرمەسلىككە بۇيرۇلدۇم، (ئىنسانلارنى) اﷲ قا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن، اﷲ نىڭلا دەرگاھىغا قايتىمەن» دېگىن

تەپسىر

ئەي پەيغەمبەر! بىز تەۋراتنى بەرگەن يەھۇدىيلار ۋە ئىنجىلنى بەرگەن ناسارلاردىن بىر بۆلۈك كىشىلەر ساڭا نازىل قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ ھۆكمىنىڭ ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان تەۋراتنىڭ بىر قىسىم ئايەتلىرىنىڭ ھۆكمى بىلەن بىردەكلىكىدىن خۇرسەن بولىدۇ. يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئايەتلەر ئىچىدىن ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى - ھەۋەسلىرىگە ماس كەلمەيدىغان ياكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ۋە بۇرمىلىغانلىقىنى بايان قىلىدىغان قىسمىنى ئىنكار قىلىدىغانلارمۇ بار. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، شەكسىزكى ئاللاھ تائالا مېنى پەقەت ئۆزىگىلا قۇلچىلىق قىلىشقا، ئۇنىڭغا باشقا بىرىنى شېرىك قىلماسلىققا بۇيرۇدى. مەن پەقەت ئۇنىڭغىلا يىلىنىمەن، ئۇنىڭدىن باشقىغا يىلىنمايمەن، ئاخىرى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغىلا قايتىمەن. تەۋرات ۋە ئىنجىللارمۇ مۇشۇنداق ئېتىقادنى ئېلىپ كەلگەن

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ