سۈرە 13 · پارە 13
سورة الرعد · 13:35
۞ مَثَلُ الْجَنَّةِ الَّتِي وُعِدَ الْمُتَّقُونَ ۖ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۖ أُكُلُهَا دَائِمٌ وَظِلُّهَا ۚ تِلْكَ عُقْبَى الَّذِينَ اتَّقَوْا ۖ وَعُقْبَى الْكَافِرِينَ النَّارُ
تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ مېۋىلىرى تۈگىمەيدۇ، ھەمىشە سايە چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئەنە شۇ تەقۋادارلارنىڭ ئاقىۋەت بارىدىغان جايىدۇر؛ كاپىرلارنىڭ ئاقىۋەت بارىدىغان جايى دوزاختۇر
تەپسىر
بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغانلارغا ئاللاھ تائالا ۋەدە قىلغان جەننەتنىڭ سۈپەتلىرى شۇكى، ئۇ جەننەتلەرنىڭ سارايلىرى ۋە دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، جەننەت دەرەخلىرىنىڭ مېۋىلىرى دۇنيا مېۋىلىرىنىڭ ئەكسىچە ھەر دائىم بار بولۇپ، ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، سايىسىمۇ ئىزچىل تاشلىنىپلا تۇرىدۇ، تارىيىپ قالمايدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلارنىڭ نەتىجىسىدۇر. كاپىرلارنىڭ ئاقىۋىتى دوزاخ بولۇپ، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ ۋە شۇ جايدا مەڭگۈ قالىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ