سۈرە 13 · پارە 13

سورة الرعد · 13:2

اللَّهُ الَّذِي رَفَعَ السَّمَاوَاتِ بِغَيْرِ عَمَدٍ تَرَوْنَهَا ۖ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ ۖ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُسَمًّى ۚ يُدَبِّرُ الْأَمْرَ يُفَصِّلُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ بِلِقَاءِ رَبِّكُمْ تُوقِنُونَ

اﷲ ئاسمانلارنى تۈرۈكسىز بەرپا قىلدى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، ئاندىن ئۇ ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى. كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى، (ئۇلارنىڭ) ھەربىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى دۇنيانىڭ تۈگەيدىغان ۋاقتىقىچە) سەير قىلىدۇ، اﷲ (ئۆز ھېكمىتى ۋە قۇدرىتى بىلەن) مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنسۇن دەپ، (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ

تەپسىر

ئاللاھ تائالا سىلەر كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئاسمانلارنى ئىنتايىن يۈكسەك ھالەتتە، تۈۋرۈكسىز ياراتتى. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدىكى، ئاللاھنىڭ قارار ئېلىشىنىڭ نە سۈپىتىنى بىلگىلى بولسۇن، نە ئۇنى بىر نەرسىگە ئوخشاتقىلى بولسۇن. قۇياشنى ۋە ئاينى مەخلۇقاتلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بويسۇندۇرۇپ بەردى. قۇياش ۋە ئاينىڭ ھەر بىرى ئاللاھنىڭ ئىلمىدە بېكىتىلگەن ۋاقىتقىچە توختىماي مېڭىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئىشلارنى ئۆزى خالىغانچە باشقۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىڭلار بىلەن ئۇچرىشىشقا ئىشىنىپ، ئۇ كۈن ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىپ ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدىغان ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ