سۈرە 13 · پارە 13
سورة الرعد · 13:1
المر ۚ تِلْكَ آيَاتُ الْكِتَابِ ۗ وَالَّذِي أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ الْحَقُّ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يُؤْمِنُونَ
ئەلىف، لام، مىم، را. بۇ، كىتاب (يەنى قۇرئان) نىڭ ئايەتلىرىدۇر. (قۇرئاندا) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان نەرسىلەر ھەقتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئۇنىڭغا (يەنى قۇرئاننىڭ اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىغا) ئىشەنمەيدۇ
تەپسىر
ئەلىف، لام، مىيم، رائ. بۇ خىلدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا تەپسىلىي مەلۇماتلار ئۆتتى. ئەي پەيغەمبەر! بۇ سۈرىدىكى مۇشۇنداق يۈكسەك مۆجىزىلەر ۋە ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان شەكسىز ھەقىقەتتۇركى، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەنلىكىدە شەك يوق. لېكىن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تەرسالىق ۋە تەكەببۇرلۇقىدىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمايدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ