سۈرە 12 · پارە 13

سورة يوسف · 12:111

لَقَدْ كَانَ فِي قَصَصِهِمْ عِبْرَةٌ لِأُولِي الْأَلْبَابِ ۗ مَا كَانَ حَدِيثًا يُفْتَرَىٰ وَلَٰكِنْ تَصْدِيقَ الَّذِي بَيْنَ يَدَيْهِ وَتَفْصِيلَ كُلِّ شَيْءٍ وَهُدًى وَرَحْمَةً لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ

ئۇلارنىڭ قىسسىسىدىن ئەقىل ئىگىلىرى ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ. (قۇرئان) يالغاندىن توقۇلغان سۆز ئەمەس، لېكىن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل بولغان (ساماۋى) كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر

تەپسىر

شەكسىزكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ئۈممەتلىرىنىڭ ۋەقەلىكلىرىدە، شۇنداقلا يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ قىسسەسىدە كۆپلىگەن پەند - نەسىھەتلەر باركى، ئۇنىڭدىن ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى پەند - نەسىھەت ئالىدۇ. بۇ قىسسەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان كەرىم ئاللاھ نامىدىن يالغاندىن ئويدۇرۇلغان توقۇلما سۆز ئەمەس، ئۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن نازىل قىلىنغان ساماۋىي كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى، ئېھتىياج چۈشىدىغان تەپسىلىي ئەھكاملار ۋە يوليورۇقلارنى كونكېرت بايان قىلغۇچى، ھەر قانداق ياخشىلىققا يېتەكلىگۈچى، ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە رەھمەت بولغان كىتابتۇركى، بۇ كىتابتىن پەقەت ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرلا بەھىر ئالالايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ