سۈرە 13 · پارە 13

سورة الرعد · 13:3

وَهُوَ الَّذِي مَدَّ الْأَرْضَ وَجَعَلَ فِيهَا رَوَاسِيَ وَأَنْهَارًا ۖ وَمِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ جَعَلَ فِيهَا زَوْجَيْنِ اثْنَيْنِ ۖ يُغْشِي اللَّيْلَ النَّهَارَ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ

اﷲ يەر يۈزىنى (ئۇزۇنسىغا ۋە توغرىسىغا) سوزۇپ كەڭ ياراتتى، يەر يۈزىدە تاغلارنى ۋە دەريالارنى ياراتتى، مېۋىلەرنىڭ ھەربىر تۈرىنى ئەركەك - چىشى - ئىككى جىنسلىق قىلىپ ياراتتى. كېچىنى كۈندۈزگە كىرىشتۈردى (يەنى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن كۈندۈزنىڭ يورۇقلۇقىنى ياپتى). بۇلاردا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار

تەپسىر

ئاللاھ تائالا زېمىننى يايدى ۋە كىشىلەرنى تەۋرىتىپ قويماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تاغلارنى ياراتتى. خۇددى ھايۋانلارنى ئەركەك-چىشى قىلىپ ياراتقاندەك، ھەر تۈرلۈك مىۋېلەرنىمۇ جۈپ-جۈپ ياراتتى. ئۇ كېچىنى كۈندۈزگە كىيگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۈندۈز يورۇق بولغاندىن كېيىن قاراڭغۇ بولىدۇ. شەكسىزكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلاردا ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ، چوڭقۇر ئويلىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە دەلىل - پاكىتلار بار بولۇپ، بۇ دەلىل - پاكىتلاردىن ئاشۇ كىشىلەر مەنپەئەت ئالىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ