سۈرە 13 · پارە 13

سورة الرعد · 13:17

أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَسَالَتْ أَوْدِيَةٌ بِقَدَرِهَا فَاحْتَمَلَ السَّيْلُ زَبَدًا رَابِيًا ۚ وَمِمَّا يُوقِدُونَ عَلَيْهِ فِي النَّارِ ابْتِغَاءَ حِلْيَةٍ أَوْ مَتَاعٍ زَبَدٌ مِثْلُهُ ۚ كَذَٰلِكَ يَضْرِبُ اللَّهُ الْحَقَّ وَالْبَاطِلَ ۚ فَأَمَّا الزَّبَدُ فَيَذْهَبُ جُفَاءً ۖ وَأَمَّا مَا يَنْفَعُ النَّاسَ فَيَمْكُثُ فِي الْأَرْضِ ۚ كَذَٰلِكَ يَضْرِبُ اللَّهُ الْأَمْثَالَ

اﷲ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردى، (يامغۇر سۈيى) جىلغىلاردا لىپمۇ لىق ئاقتى، كەلكۈن سۇ ئۆزىنىڭ ئۈستىدە كۆپۈكلەرنى لەيلىتىپ ئاقتى، كىشىلەرنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ، ياكى ئەسۋاب ياساش ئۈچۈن ئوتقا سېلىپ ئېرىتكەن مەدەنلەرنىڭمۇ (يەنى كۆپۈكمۇ خۇددى كەلكۈن سۇنىڭ كۆپۈكىگە ئوخشاش پايدىسىزدۇر). اﷲ ھەق بىلەن باتىلنى بۇ مىسال بىلەن ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، كۆپۈك بولسا ئېقىپ تۈگەيدۇ، ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە زېمىندا قېلىپ قالىدۇ، اﷲ مىساللارنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ

تەپسىر

ئاللاھ تائالا باتىلنىڭ يوقىلىپ، ھەقىقەتنىڭ قېپقالىدىغانلىقىغا بۇلۇتتىن چۈشىدىغان يامغۇر سۈيىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن بولۇپ، يامغۇر سۈيى جىلغىلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپ لىق تولۇپ ئاقىدۇ، (شۇ يامغۇردىن ھاسىل بولغان) سەل سۈيى ئەخلەت - چاۋا ۋە لاي - لاتقىلارنى سۇ يۈزىگە چىقىرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ئىش ئۈچۈن باشقا بىر مىسالنى كۆرسەتتى، كىشىلەر قىممەتلىك مەدەنلەرنى ئېرىتىپ، ئۆزلىرىگە زىننەت بويۇملىرى ياساش ئۈچۈن ئوتقا سالىدۇ. مانا بۇ ئىككى مىسالنى ئاللاھ تائالا ھەق بىلەن باتىلنىڭ مىسالىغا ئوخشاتتىكى، باتىل سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالغان ئەخلەت - چاۋالارغا، شۇنداقلا مەدەننى تاۋلاپ چىقىرىپ تاشلىغان داتلارغا ئوخشايدۇ. ھەقىقەت بولسا ئىچكىلى بولىدىغان، (مېۋىلەرنى ۋە ئوت - چۆپلەرنى ئۆستۈرىدىغان) سۈزۈك سۇغا ئوخشايدۇ. تاۋلانغاندىن كېيىن قېپقالغان ساپ مەدەندىن كىشىلەر مەنپەئەتلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇشۇ ئىككى مىسالنى بايان قىلغىنىغا ئوخشاش، ھەقىقەت باتىلدىن ئېنىق بولۇشى ئۈچۈن ئىنسانلارغا يەنە نۇرغۇن مىساللارنى بايان قىلىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ