سۈرە 13 · پارە 13
سورة الرعد · 13:16
قُلْ مَنْ رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ قُلِ اللَّهُ ۚ قُلْ أَفَاتَّخَذْتُمْ مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءَ لَا يَمْلِكُونَ لِأَنْفُسِهِمْ نَفْعًا وَلَا ضَرًّا ۚ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الْأَعْمَىٰ وَالْبَصِيرُ أَمْ هَلْ تَسْتَوِي الظُّلُمَاتُ وَالنُّورُ ۗ أَمْ جَعَلُوا لِلَّهِ شُرَكَاءَ خَلَقُوا كَخَلْقِهِ فَتَشَابَهَ الْخَلْقُ عَلَيْهِمْ ۚ قُلِ اللَّهُ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ
(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنى مات قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا) «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى كىم؟» دېگىن، «(ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى) اﷲ» دېگىن. (ئۇلارغا) «سىلەر اﷲ نى قويۇپ ئۆزۈڭلارغا پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان مەبۇدلارنى (اﷲ قا شېرىك) قىلىۋالدىڭلارمۇ؟» دېگىن؟ «كۆر (يەنى كاپىر) بىلەن كۆزى كۆرۈدىغان ئادەم (يەنى مۆمىن) باراۋەر بولامدۇ؟ ياكى قاراڭغۇلۇق (يەنى گۇمراھلىق) بىلەن نۇر (يەنى ھىدايەت) باراۋەر بولامدۇ؟» دېگىن، ئۇلار اﷲ ياراتقانغا ئوخشاش قانداقتۇر مەخلۇقاتلارنى ياراتقان مەبۇدلارنى پۈتۈن مەخلۇقاتنى ياراتقان اﷲ قا شېرىك قىلىۋېلىپ اﷲ نىڭ ياراتقىنى بىلەن مەبۇدلارنى پۈتۈن مەخلۇقاتنى ياراتقان اﷲ قا شېرىك قىلىۋېلىپ اﷲ نىڭ ياراتقىنى بىلەن مەبۇدلىرىنىڭ ياراتقىنىنى ئايرىيالماي قالدىمۇ؟ اﷲ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، اﷲ بىر دۇر، ھەممىگە غالىبتۇر
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھقا باشقىلارنى قوشۇپ چوقۇنۇۋاتقان كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ياراتقۇچىسى، ئۇلارنى باشقۇرغۇچى كىم؟ ئەي پەيغەمبەر ئېيتقىنكى، ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى ئاللاھ تائالادۇر، سىلەرمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلىسىلەر. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، قىلچە پايدا ياكى زىيان كەلتۈرەلمەيدىغان ئاجىزلارنى ئۆزۈڭلارغا ھېماتچى قىلىۋالدىڭلارمۇ؟ ئۇلار قانداقمۇ باشقىلارغا پايدا - زىيان ئېلىپ كېلەلىسۇن؟ ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، كۆزى كۆرمەيدىغان كاپىر كۆزى ئوچۇق، ھىدايەت تاپقان مۇئمىنگە ئوخشاش بولامدۇ؟ قاراڭغۇ - زۇلمەت بولغان كۇپرىلىق نۇر بولغان ئىمان بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ شېرىكلىرىمۇ ئاللاھنىڭ ياراتقىنىغا ئوخشاش يارىتىپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئاللاھنىڭ يارىتىشىغا ئۆزلىرىنىڭ شېرىكلىرىنىڭ يارىتىشى ئارىلىشىپ كېتىپ، يارىتىشتا ئاللاھ تائالاغا شېرىكلەرنى قىلدىمۇ؟. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا بارچە نەرسىنىڭ يەككە - يېگانە ياراتقۇچىسىدۇركى، يارىتىشتا ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، ئۇ ئىلاھلىقتا يەككە - يېگانىدۇركى، قۇلچىلىق قىلىنىشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر، ئۇ ھەممىدىن غالىبتۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ