سۈرە 13 · پارە 13
سورة الرعد · 13:18
لِلَّذِينَ اسْتَجَابُوا لِرَبِّهِمُ الْحُسْنَىٰ ۚ وَالَّذِينَ لَمْ يَسْتَجِيبُوا لَهُ لَوْ أَنَّ لَهُمْ مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا وَمِثْلَهُ مَعَهُ لَافْتَدَوْا بِهِ ۚ أُولَٰئِكَ لَهُمْ سُوءُ الْحِسَابِ وَمَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۖ وَبِئْسَ الْمِهَادُ
اﷲ نىڭ (ئىمان غا قىلغان دەۋىتىنى) قوبۇل قىلغانلارغا ئەڭ ئوبدان مۇكاپات بېرىلىدۇ، قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا يەر يۈزىدىكى پۈتۈن مال - مۈلۈك، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان مال - مۈلۈك بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن)، ئەلۋەتتە، ئۇنى پىدا قىلغان بولاتتى. ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاخ بولىدۇ، (دوزاخ) نېمىدېگەن يامان جاي!
تەپسىر
پەرۋەردىگارىنىڭ يەككە - يېگانىلىقى ۋە ئىتائىتىگە قىلىنغان چاقىرىققا ئاۋاز قوشقان مۇئمىنلەرگە ئەڭ ياخشى مۇكاپات بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ جەننەتتۇر. شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارىنىڭ يەككە - يېگانلىكى ۋە ئىتائىتىگە قىلىنغان چاقىرىققا ئاۋاز قوشمىغان كاپىرلارغا كەلسەك، يەر يۈزىدىكى بارچە مال - مۈلۈكلەر ۋە يەنە شۇنىڭ ئوخشىشى شۇلارنىڭ بولۇپ، ئۇلار ئۇ مال - مۈلۈكلەرنىڭ ھەممىنى ئۆزلىرىنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بېرىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، پەرۋەردىگارىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمىغان بۇ كىشىلەر پۈتۈن يامانلىقلىرىغا قارىتا ھېسابقا تارتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەم بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بىساتلىرى ۋە تۇرىدىغان جايى بولغان ئوت نېمىدېگەن يامان جاي - ھە؟!
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ