سۈرە 12 · پارە 13
سورة يوسف · 12:67
وَقَالَ يَا بَنِيَّ لَا تَدْخُلُوا مِنْ بَابٍ وَاحِدٍ وَادْخُلُوا مِنْ أَبْوَابٍ مُتَفَرِّقَةٍ ۖ وَمَا أُغْنِي عَنْكُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ ۖ إِنِ الْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ ۖ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ ۖ وَعَلَيْهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُتَوَكِّلُونَ
(ئۇ يەنە) «ئى ئوغۇللىرىم! (مىسىرغا) ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. اﷲ نىڭ قازاسى ئالدىدا مەن سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايمەن، ھۆكۈم پەقەت اﷲ غىلا خاس، اﷲ قا تەۋەككۈل قىلدىم، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار اﷲ غىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!» دېدى
تەپسىر
دادىسى ئۇلارغا ئالاھىدە تاپىلاپ: مىسىرغا ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، بۆلۈنۈپ باشقا - باشقا دەرۋازىدىن كىرىڭلار، بۇ بىراۋنىڭ ھەممىڭلارغا بىراقلا زىيانكەشلىك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئەڭ ساغلام تەدبىردۇر. مەن بۇ گەپلەرنى ئاللاھ سىلەرگە ئىرادە قىلغان بىرەر زىياننىڭ ئالدىنى ئالالايمەن ياكى ئاللاھ ئىرادە قىلمىغان بىرەر پايدىنى قولغا كەلتۈرەلەيمەن دېگەن مەقسەتتە دېمەيۋاتىمەن. ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، بارچە ئىش پەقەت ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. مەن بارچە ئىشلىرىمدا يالغۇز ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدىم. شۇڭا پۈتۈن تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئۆز ئىشلىرىدا پەقەت ئۇنىڭغىلا تەۋەككۈل قىلسۇن.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ