سۈرە 12 · پارە 13

سورة يوسف · 12:68

وَلَمَّا دَخَلُوا مِنْ حَيْثُ أَمَرَهُمْ أَبُوهُمْ مَا كَانَ يُغْنِي عَنْهُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ إِلَّا حَاجَةً فِي نَفْسِ يَعْقُوبَ قَضَاهَا ۚ وَإِنَّهُ لَذُو عِلْمٍ لِمَا عَلَّمْنَاهُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ

ئۇلار ئاتىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە باشقا - باشقا دەرۋازىلاردىن كىرگەندە، (بۇ) اﷲ نىڭ قازاسى ئالدىدا ئۇلار ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە دال بولالمىدى، بۇ پەقەت يەئقۇبنىڭ كۆڭلىدىكى ئۈمىدىنىلا ئىپادىلىدى، خالاس. بىز يەئقۇبقا (ۋەھيى ئارقىلىق بىلدۈرگەن ئىدۇق، شۇڭا ئۇ (كەڭ بىلىم ئىگىسىدۇر، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (تەقدىرنىڭ سىرىنى) بىلمەيدۇ

تەپسىر

ئۇلار قېرىندىشىنى ئېلىپ يولغا چىقتى. دادىسىنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە شەھەرگە باشقا - باشقا دەرۋازىدىن كىردى. لېكىن ئۇلارنىڭ باشقا - باشقا دەرۋازىدىن كىرگەنلىكى ئاللاھ ئۇلارغا پۈتۈۋەتكەن ئىشتىن ھېچ نەرسىنى توسۇپ قالالمىدى. بۇ پەقەت يەئقۇبنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئىزھار قىلغان مېھىر - شەپقىتى بولۇپ، ئۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرىسىز قىل تەۋرىمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارغا شۇنداق قىلىشنى تاپىلىغان ئىدى. ئۇ بىزنىڭ بىلدۈرۈشىمىز ئارقىلىق تەقدىرگە ئىمان ئېيتىش بىلەن بىرگە سەۋەب قىلىشنى ياخشى بىلەتتى. لېكىن كۆپىنچە كىشىلەر بۇنى بىلمەيدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ