سۈرە 12 · پارە 13
سورة يوسف · 12:66
قَالَ لَنْ أُرْسِلَهُ مَعَكُمْ حَتَّىٰ تُؤْتُونِ مَوْثِقًا مِنَ اللَّهِ لَتَأْتُنَّنِي بِهِ إِلَّا أَنْ يُحَاطَ بِكُمْ ۖ فَلَمَّا آتَوْهُ مَوْثِقَهُمْ قَالَ اللَّهُ عَلَىٰ مَا نَقُولُ وَكِيلٌ
يەئقۇب ئېيتتى: «بۇنيامىننى قوغداشتا ھەممىڭلار ھالاك بولمىساڭلارلا چوقۇم ماڭا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ چىڭ ۋەدە بەرمىگۈچە ئۇنى سىلەر بىلەن بىللە ئەۋەتمەيمەن». ئۇلار (يەنى ئوغۇللىرى) ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ چىن ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، يەئقۇب: «بىزنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمىزگە اﷲ گۇۋاھتۇر» دېدى
تەپسىر
دادىسى ئۇلارغا: سىلەر تەلتۆكۈس ھالاك بولۇپ، ئاراڭلاردىن ھېچكىم قالمىغانلىقتىن ئۇنى قوغداپ، قايتۇرۇپ كېلەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالمىساڭلارلا ماڭا بۇنيامىننى قايتۇرۇپ ئەكېلىپ بېرىدىغانغا چىن ۋەدە بەرمىگۈچە مەن ئۇنى ھەرگىزمۇ سىلەر بىلەن بىرگە ئەۋەتمەيمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەئقۇبقا چوقۇم شۇنداق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە چىن ۋەدە بېرىۋېدى، يەئقۇب: بىزنىڭ دېيىشكەنلىرىمىزگە ئاللاھ گۇۋاھ، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى بىزگە كۇپايە، دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ