سۈرە 10 · پارە 11
سورة يونس · 10:37
وَمَا كَانَ هَٰذَا الْقُرْآنُ أَنْ يُفْتَرَىٰ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلَٰكِنْ تَصْدِيقَ الَّذِي بَيْنَ يَدَيْهِ وَتَفْصِيلَ الْكِتَابِ لَا رَيْبَ فِيهِ مِنْ رَبِّ الْعَالَمِينَ
بۇ قۇرئاننى بىراۋنىڭ اﷲ قا ئىپتىرا قىلىشى ئەقلىغە سىغمايدۇ (چۈنكى قۇرئاننى ھېچ ئىنسان ئىجاد قىلالمايدۇ)، لېكىن قۇرئان ئىلگىرى كەلگەن (تەۋرات، ئىنجىل قاتارلىق ساماۋى) كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، اﷲ بەلگىلىگەن ئەھكاملارنى بايان قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭدا ھېچ شەك يوقتۇر، (ئۇ) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر
تەپسىر
مۇشرىكلار جىددى ئىھتىياجلىق ۋاقىتلاردىمۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىز كەلگەن تۇرسا، بۇ قۇرئاننىڭ يالغاندىن تۇقۇلۇپ، ئاللاھتىن باشقىسى تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىلىشى مۇمكىن ئەمەس. قۇرئان كەرىم ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىھتىياجى بولىدىغان بارلىق ئەھكاملارنى بايان قىلىپ بەرگۈچى كىتابتۇر. قۇرئان كەرىم شەكسىزكى، مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ