سۈرە 10 · پارە 11

سورة يونس · 10:36

وَمَا يَتَّبِعُ أَكْثَرُهُمْ إِلَّا ظَنًّا ۚ إِنَّ الظَّنَّ لَا يُغْنِي مِنَ الْحَقِّ شَيْئًا ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِمَا يَفْعَلُونَ

ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇتلارغا ئېتىقاد قىلىشتا) پەقەت پەرەزگىلا تايىنىدۇ، پەرەز دېگەن ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ. شۈبھىسىزكى، اﷲ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر

تەپسىر

مۇشرىكلارنىڭ تولىسى ئۆزى چوقۇنغان مەبۇدلىرىنىڭ ماھىيىتىنى بىلمىگەنلىك سەۋەبىدىن ئۇلارغا ئەگىشىشتا پەقەت پەرەزگىلا تايىنىدۇ. گۇمان ھەقىقەتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، شۇنداقلا ئۇ ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر. ئاللاھقا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللەرگە قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ