سۈرە 10 · پارە 11

سورة يونس · 10:38

أَمْ يَقُولُونَ افْتَرَاهُ ۖ قُلْ فَأْتُوا بِسُورَةٍ مِثْلِهِ وَادْعُوا مَنِ اسْتَطَعْتُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ

ئۇلار: «قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى توقۇپ چىققان» دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «ئەگەر (بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، اﷲ تىن باشقا (ياردەمگە) چاقىرالايدىغانلىكى كىشىڭلارنى چاقىرىپ، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار»

تەپسىر

مۇشرىكلار: مۇھەممەد قۇرئاننى ئۆزى تۇقۇپ، ئاللاھقا نىسبەت بەرگەن دېيىشەمدۇ؟، ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا جاۋابەن ئېيتقىنكى: مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئىنسان تۇرۇپ، قۇرئاننى يېنىمدىن كەلتۈرگەن بولسام، ئەگەر قۇرئاننىڭ يالغاندىن تۇقۇلغان دېگەن سۆزلىرىڭلاردا راستچىل بولساڭلار ياردەمگە چاقىرالايدىغانلىكى كىشىلىرىڭلارنى چاقىرىپ قۇرئاندىكىگە ئوخشاش بىر سۈرىنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار. ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلالمايسىلەر. سىلەرنىڭ تىل ۋە پاساھەت ئىگىسى تۇرۇپ كەلتۈرەلمىگەنلىكىڭلار قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن چۈشۈرۈلگەنلىكىگە روشەن دەلىلدۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ