سۈرە 10 · پارە 11
سورة يونس · 10:23
فَلَمَّا أَنْجَاهُمْ إِذَا هُمْ يَبْغُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ ۗ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّمَا بَغْيُكُمْ عَلَىٰ أَنْفُسِكُمْ ۖ مَتَاعَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ ثُمَّ إِلَيْنَا مَرْجِعُكُمْ فَنُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
اﷲ ئۇلارنى (ئۇ بالادىن) قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئۇلار يەر يۈزىدە يولسىزلىق بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! بۇزۇقچىلىقىڭلارنىڭ گۇناھى ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ، (سىلەر) بۇ دۇنيا (نىڭ باقاسى يوق شەھۋەتلىرى) دىن بەھرىمەن بولىسىلەر (بۇنىڭ ھەسرىتى ئاخىرەتكە قالىدۇ)، ئاندىن سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى خەۋەر قىلىمىز
تەپسىر
ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇلارنى بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزغاندىن كېيىن ئۇلار يەر يۈزىدە كۇپرىلىق قىلىش، گۇناھ-مەسىيەت قىلىش ئارقىلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! ئويغىنىڭلار، بۇزغۇنچىلىقىڭلارنىڭ يامان ئاقىۋىتى ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ. بۇزغۇنچىلىقىڭلار ئاللاھقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. بۇزغىنچىلىقىڭلار ئارقىلىق بۇ دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى نېئمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىسىلەر. ئاندىن قىيامەت كۈنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر. بىز سىلەرگە قىلغان گۇناھ مەئسىيەتلىرىڭلارنى خەۋەر قىلىمىز ۋە سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىمىز.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ