سۈرە 10 · پارە 11

سورة يونس · 10:24

إِنَّمَا مَثَلُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا كَمَاءٍ أَنْزَلْنَاهُ مِنَ السَّمَاءِ فَاخْتَلَطَ بِهِ نَبَاتُ الْأَرْضِ مِمَّا يَأْكُلُ النَّاسُ وَالْأَنْعَامُ حَتَّىٰ إِذَا أَخَذَتِ الْأَرْضُ زُخْرُفَهَا وَازَّيَّنَتْ وَظَنَّ أَهْلُهَا أَنَّهُمْ قَادِرُونَ عَلَيْهَا أَتَاهَا أَمْرُنَا لَيْلًا أَوْ نَهَارًا فَجَعَلْنَاهَا حَصِيدًا كَأَنْ لَمْ تَغْنَ بِالْأَمْسِ ۚ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ

ھاياتىي دۇنيانىڭ مىسالى (تېز ئۆزگۈرۈشىدە، نېمەتلىرىنىڭ باقاسىزلىقىدا، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مەغرۇر بولۇشىدا) بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن (يامغۇر) سۈيىگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار، ھايۋانلار يەيدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلىرى (ئۈنۈپ چىقىپ) بىر - بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، چىرايلىق ياسانغان، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا جەزم قىلىپ تۇرغان چاغدا، ناگاھان كېچىسى ياكى كۈندۈزى ئۇنىڭغا قازايىمىز يەتتى - دە، (زىرائەتلەرنى) تۈنۈگۈن (يەنى ئىلگىرى) يوقتەك، (پۈتۈنلەي) ئۇرۇپ تاشلانغاندەك قىلىۋەتتۇق (يەنى نابۇت قىلىپ، يوق قىلدۇق)، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز

تەپسىر

سىلەر بەھرىمان بولىۋاتقان ھاياتى دۇنيانىڭ مىسالى تىز ئۆتۈشتە يامغۇرغا ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرىدىن كىشىلەر يەيدىغان ئاشلىق ۋە مېۋىلەر، ھايۋانلار يەيدىغان ئوت چۆپ قاتارلىقلار گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەر بىلەن چىرايلىق بولۇپ كەتكەن ۋاقىتتا، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا جەزم قىلىپ تۇرغاندا، ئۇنىڭغا قازايىمىز يېتىپ، زىرائەتلەرنى يېقىندا دەل-دەرەخلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئاۋات بولۇپ باقمىغاندەك ئورىۋەتتۇق (يەنى نابۇت قىلدۇق). بىز سىلەرگە دۇنيانىڭ ئەھۋالىنى ۋە تىز ئۆتۈپ كىتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگىنىمىزدەك تەپەككۇر قىلىدىغان ۋە ئىبرەت ئالىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن دەلىل ۋە ئىسپاتلارنى بايان قىلىپ بېرىمىز.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ