سۈرە 10 · پارە 11

سورة يونس · 10:22

هُوَ الَّذِي يُسَيِّرُكُمْ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا كُنْتُمْ فِي الْفُلْكِ وَجَرَيْنَ بِهِمْ بِرِيحٍ طَيِّبَةٍ وَفَرِحُوا بِهَا جَاءَتْهَا رِيحٌ عَاصِفٌ وَجَاءَهُمُ الْمَوْجُ مِنْ كُلِّ مَكَانٍ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ أُحِيطَ بِهِمْ ۙ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ لَئِنْ أَنْجَيْتَنَا مِنْ هَٰذِهِ لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ

اﷲ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا (يەنى ئۇلاغلار ئۈستىدە)، دېڭىزدا (يەنى كېمىلەر ئۈستىدە) سەپەر قىلدۇرىدۇ، سىلەر ئولتۇرغان كېمە (كىشىلەرنى ئېلىپ) مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە (بۇ) شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ (كېمە ئۆرۈلىدۇ)، ئۇلار تەرەپ - تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر قورشىۋېلىنغانلىقىغا (يەنى ھالاك بولىدىغانلىقىغا) جەزم قىلىدۇ، (چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىنى تاشلاپ قويۇپ) «ئى خۇدا! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن (يەنى بالادىن) قۇتۇلدۇرساڭ، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ

تەپسىر

ئى كىشىلەر! ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا پۇتۇڭلار ۋە ئۇلاغلىرىڭلار بىلەن، دېڭىزدا كېمىلەر بىلەن سەپەر قىلدۇرىدۇ. سىلەر ئولتۇرغان كېمە كىشىلەرنى ئېلىپ مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان چاغدا يولۇچىلار بۇ شامالدىن خۇشال بولىدۇ. ئۇلار خۇشال تۇرغان پەيتلىرىدە بىردىنلا بوران چىقىدۇ، ئۇلارغا ھەر تەرەپتىن دېڭىز دولقىنى كېلىدۇ، كېمىدىكىلەر ھالاك بولىدىغانلىقىغا جەزم قىلىشىدۇ. (چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىنى تاشلاپ قويۇپ) يەككە-يىگانە ئاللاھقا: ئەگەر سەن بىزنى بۇ ئېغىر سىناقتىن قۇتۇلدۇرساڭ، سەن بىزگە ئاتا قىلغان نېئمەتلەرگە ئاساسەن، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز، دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ