سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:199
خُذِ الْعَفْوَ وَأْمُرْ بِالْعُرْفِ وَأَعْرِضْ عَنِ الْجَاهِلِينَ
ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا (يەنى ياخشى سۆز قىلىشقا، ياخشى ئىش قىلىشقا) بۇيرۇغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن (يەنى نادانلارنىڭ قىلغىنىنى قىلماي، ئۇلارغا مۇلايىم بولغىن)
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! ئەپۇچان بولغىن، ئەخلاق ۋە ئەمەللەردىن ئاسان ئىشلارغا يۈزلەنگىن، كىشىلەرنى مىجەزى كېلىشمەيدىغان ئىشلارغا مەجبۇرلىمىغىن، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۇلارنى قاچۇرۇپ قويىدۇ. بارلىق گۈزەل سۆز ۋە گۈزەل ئىش-ھەركەتكە بۇيرىغىن، جاھىللاردىن يۈز ئۆرىگىن، جاھىللارغا ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى قىلمىغىن، ساڭا كىم ئەزىيەت بەرسە ئۇنىڭغا ئەزىيەت بەرمىگىن، سىنى كىم مەھرۇم قالدۇرسا ئۇنى مەھرۇم قالدۇرمىغىن.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ