سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:198
وَإِنْ تَدْعُوهُمْ إِلَى الْهُدَىٰ لَا يَسْمَعُوا ۖ وَتَرَاهُمْ يَنْظُرُونَ إِلَيْكَ وَهُمْ لَا يُبْصِرُونَ
ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭلار، ئۇلار (ھىدايەت تاپماق تۈگۈل دەۋىتىڭنى) ئاڭلىمايدۇ، ئۇلار ساڭا قاراپ تۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلار كۆرمەيدۇ
تەپسىر
ئەي مۇشرىكلار! ئەگەر سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلىرىڭلارنى ھىدايەتكە چاقىرساڭلار ئۇلار چاقىرىقىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ، سەن ئۇلارنىڭ شەكىللەندۈرۈلگەن كۆزلەر بىلەن ساڭا قاراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، ھالبۇكى ئۇ جانسىز بولغانلىقى ئۈچۈن كۆرەلمەيدۇ. ھەقىقەتەن ئۇلار ئادەم بالىلىرىنىڭ ياكى ھايۋاناتلارنىڭ شەكلىدە بۇتلارنى ياسايتتى، بۇتلارنىڭ قول، پۇت ۋە كۆزلىرى بار ئىدى، لېكىن ئۇ بۇتلار جانسىز بولۇپ، ئۇلاردا نە ھاياتلىق نە ھەرىكەت يوق ئىدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ