سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:180

وَلِلَّهِ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ فَادْعُوهُ بِهَا ۖ وَذَرُوا الَّذِينَ يُلْحِدُونَ فِي أَسْمَائِهِ ۚ سَيُجْزَوْنَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ

اﷲ نىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، اﷲ نى شۇ (گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار، اﷲ نىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە - كەلمەس قوللىنىدىغانلارنى تەرك ئېتىڭلار، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ

تەپسىر

ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان گۈزەل ئىسىملىرى بار. مەقسىتىڭلارنى تەلەپ قىلىشتا ئاللاھقا شۇ ئىسىملارنى ۋەسىلە قىلىپ دۇئا قىلىڭلار. ئاللاھنى شۇ ئىسىملار بىلەن مەدھىيىلەڭلار. بۇ ئىسىملارنى ئاللاھتىن باشقىسىغا قوللۇنۇپ ياكى بۇ ئىسىملارنى ئاللاھقا ئىشلەتمەي مەنالىرىنى بۇرمىلاپ ئاللاھنى مەخلۇقاتلارغا ئوخشىتىش ئارقىلىق ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەنلەرنى تەرك ئېتىڭلار. بىز ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلى دەرتلىك ئازاب بىلەن جازالايمىز.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ