سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:179
وَلَقَدْ ذَرَأْنَا لِجَهَنَّمَ كَثِيرًا مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ ۖ لَهُمْ قُلُوبٌ لَا يَفْقَهُونَ بِهَا وَلَهُمْ أَعْيُنٌ لَا يُبْصِرُونَ بِهَا وَلَهُمْ آذَانٌ لَا يَسْمَعُونَ بِهَا ۚ أُولَٰئِكَ كَالْأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الْغَافِلُونَ
شەك - شۈبھىسىزكى، جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخقا (يېقىلغۇ بولۇش ئۈچۈن) ياراتتۇق، ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار كۆزلىرى بولغان بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ. ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئىلىپ) تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر
تەپسىر
ھەقىقەتەن بىز ئۇلارنىڭ دەۋزەخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئىنسان ۋە جىنلاردىن نۇرغۇنلىرىنى جەھەننەم ئۈچۈن ياراتتۇق. ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بولسىمۇ نېمىنىڭ پايدىلىق نېمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. كۆزلىرى بولسىمۇ ئۆزىدىكى ۋە ئۇپۇقتىكى ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىنى چۈشۈنۈپ ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمايدۇ. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى بولسىمۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ مەقسەتلىرىنى تەپەككۇر قىلمايدۇ. ئەنە شۇلار ئەقىلنىڭ يوق بولىشىدا ھايۋانلارغا ئوخشاش بەلكى ھايۋانلاردىنمۇ بەتتەرراقتۇر. ئەنە شۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىشتىن غەپلەتتە قالغۇچىلاردۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ