سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:176

وَلَوْ شِئْنَا لَرَفَعْنَاهُ بِهَا وَلَٰكِنَّهُ أَخْلَدَ إِلَى الْأَرْضِ وَاتَّبَعَ هَوَاهُ ۚ فَمَثَلُهُ كَمَثَلِ الْكَلْبِ إِنْ تَحْمِلْ عَلَيْهِ يَلْهَثْ أَوْ تَتْرُكْهُ يَلْهَثْ ۚ ذَٰلِكَ مَثَلُ الْقَوْمِ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۚ فَاقْصُصِ الْقَصَصَ لَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ

ئەگەر بىز خالىساق، ئۇنى (تەقۋادار ئۆلىمالار دەرىجىسىگە) كۆتۈرەتتۇق، لېكىن ئۇ دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى، نەپسى خاھىشىغا بويسۇندى، ئۇ گويا بىر ئىتقا ئوخشايدۇكى، ئۇنى قوغلىۋەتسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھەسىرەيدۇ، قوغلىۋەتسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھەسىرەيدۇ، بۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ئەنە شۇ قەۋمنىڭ مىسالىدۇر، ئويلاپ بېقىشلىرى ئۈچۈن، بۇ قىسسىنى (قەۋمىڭگە) سۆزلەپ بەرگىن

تەپسىر

ئەگەر بىز ئۇنىڭغا بۇ ئايەتلەر بىلەن مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى خالىغان بولساق ئىدۇق ئۇنى ئەمەلگە مۇۋەپپەق قىلىپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كۆتۈرەتتۇق، لېكىن ئۇ دۇنيانى ئاخىرەتنىڭ ئالدىغا قويۇپ دۇنيانىڭ شەھۋەتلىرىگە بېرىلگەن چاغدا ئۆزىنى خارلىققا ئېلىپ بارىدىغان نەرسىنى تاللىدى، ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگەشتى، ئۇ دۇنياغا قاتتىق ھېرىسمەن بولۇشتا گويا بىر ئىتقا ئوخشايدۇكى، ئۇ ھەرقانداق ئەھۋالدا تىلىنى چىقىرىپ ھاسىراۋېرىدۇ، ئەگەر ئۇ ياتسىمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدۇ، ئەگەر قوغلىۋېتىلسىمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدۇ. ئەنە شۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئازغان قەۋمنىڭ مىسالىدۇر. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلار تەپەككۇر قىلىپ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىش ۋە ئازغۇنلۇقتىن يېنىشى ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ قىسسىنى سۆزلەپ بەرگىن.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ