سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:175
وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ الَّذِي آتَيْنَاهُ آيَاتِنَا فَانْسَلَخَ مِنْهَا فَأَتْبَعَهُ الشَّيْطَانُ فَكَانَ مِنَ الْغَاوِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) غا شۇنداق بىر ئادەمنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىنكى، ئۇنىڭغا ئايەتلىرىمىزنى بەردۇق (يەنى كىتابۇللاھنىڭ بەزى ئىلىملىرىنى ئۆگەتتۇق). ئۇ ئايەتلىرىمىزدىن ئۆزىنى تارتتى، ئۇنىڭغا شەيتان ئاپىرىدە بولۇشى بىلەنلا گۇمراھلاردىن بولۇپ كەتتى
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! بەنى ئىسرائىلغا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن شۇنداق بىر ئادەمنىڭ خەۋىرىنى ئوقۇپ بەرگىنكى بىز ئۇنىڭغا ئايەتلىرىمىزنى بەردۇق، ئۇ ئايەتلىرىمىزنى بىلدى، ئايەتلىرىمىز تەقەززا قىلغان ھەقىقەتنى چۈشەندى، لېكىن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىدى، بەلكى ئۇنى تەرك ئەتتى، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى، ئاندىن شەيتان ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ ئۇنىڭ دوستى بولۇپ قالدى. ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولغىنىدىن كېيىن ئازغۇنلاردىن بولۇپ قالدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ