سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:138
وَجَاوَزْنَا بِبَنِي إِسْرَائِيلَ الْبَحْرَ فَأَتَوْا عَلَىٰ قَوْمٍ يَعْكُفُونَ عَلَىٰ أَصْنَامٍ لَهُمْ ۚ قَالُوا يَا مُوسَى اجْعَلْ لَنَا إِلَٰهًا كَمَا لَهُمْ آلِهَةٌ ۚ قَالَ إِنَّكُمْ قَوْمٌ تَجْهَلُونَ
ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز (قۇلزۇم) دېڭىزىدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلار بۇتلىرىغا چوقۇنۇۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە: «ئى مۇسا! بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاش بۇت ئورنىتىپ بەرگىن» دېدى. مۇسا: «سىلەر ھەقىقەتەن نادان قەۋم ئىكەنسىلەر» دېدى
تەپسىر
مۇسا ھاسىسى بىلەن دېڭىزغا ئۇرغان چاغدا دېڭىز يېرىلدى، بىز بەنى ئىسرائىلنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۋەتتۇق، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدىغان بىر قەۋىمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ئۇلار مۇساغا: ئى مۇسا! خۇددى ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرى بولغىنىدەك بىزگىمۇ ئىبادەت قىلىدىغان بۇت ئورنۇتۇپ بەرگىن دېدى. مۇسا ئۇلارغا: ئى قەۋمىم! سىلەر ھەقىقەتەن ئاللاھنى بىر دەپ بېلىش ۋە ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەت ئۈستۈڭلارغا ۋاجىپ بولغان ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت چەكلەنگەن نەرسىلەردىن جاھىل قەۋىم ئىكەنسىلەر، دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ