سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:137
وَأَوْرَثْنَا الْقَوْمَ الَّذِينَ كَانُوا يُسْتَضْعَفُونَ مَشَارِقَ الْأَرْضِ وَمَغَارِبَهَا الَّتِي بَارَكْنَا فِيهَا ۖ وَتَمَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ الْحُسْنَىٰ عَلَىٰ بَنِي إِسْرَائِيلَ بِمَا صَبَرُوا ۖ وَدَمَّرْنَا مَا كَانَ يَصْنَعُ فِرْعَوْنُ وَقَوْمُهُ وَمَا كَانُوا يَعْرِشُونَ
بوزەك قىلىنغان قەۋمنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) بىز بەرىكەتلىك قىلغان (شام) زېمىننىڭ شەرق تەرەپلىرىگە ۋە غەرب تەرەپلىرىگە (يەنى ھەممە تەرەپكە) ۋارىس قىلدۇق. ئىسرائىل ئەۋلادى سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان چىرايلىق ۋەدىسى تولۇق ئىشقا ئاشتى؛ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ سالغانلىرى (يەنى ئىمارەتلىرى) نى ۋە ياسىغانلىرى (يەنى باغلىرى ۋە ئېكىنزارلىقلىرى) نى ۋەيران قىلدۇق
تەپسىر
بىز پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى بوزەك قىلغان بەنى ئىسرائىلنى زېمىننىڭ شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىگە مىراسخۇر قىلدۇق. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان زېمىندىن شام شەھەرلىرى مەقسەت قىلىنىدۇ. ئاللاھ بۇ شەھەرلەردە زىرائەت ۋە مېۋىلەرنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە چىقىرىش ئارقىلىق ئۇ شەھەرلەرنى بەرىكەتلىك قىلدى. ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ گۈزەل سۆزى ئىشقا ئاشتى، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر: «بىز (مىسىر) زېمىنىدا بوزەك قىلىنغانلارغا مەرھەمەت قىلىشنى ئىرادە قىلىمىز، ئۇلارنى يولباشچىلاردىن قىلىشنى، ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ (مۈلكىگە) ۋارىس قىلىشنى ئىرادە قىلىمىز» [سۈرە قەسەس 5-ئايەت]. ئىسرائىل ئەۋلادى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى تەرىپىدىن ئۇچرىغان ئەزىيەتكە سەۋىر قىلغانلىقى ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭ زېمىندا ئۇلارنى كۈچلەندۈردى، بىز پىرئەۋىننىڭ ئېكىنزارلىقى ۋە ئۇ بىنا قىلغان تۇرالغۇلىرىنى ۋە قەسىرلىرىنى ۋەيران قىلدۇق.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ