سۈرە 63 · پارە 28
سورة المنافقون · 63:5
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا يَسْتَغْفِرْ لَكُمْ رَسُولُ اللَّهِ لَوَّوْا رُءُوسَهُمْ وَرَأَيْتَهُمْ يَصُدُّونَ وَهُمْ مُسْتَكْبِرُونَ
ئۇلارغا ئۆزرە ئېيتىپ: «كېلىڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ» دېيىلسە، (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن) باشلىرىنى سىلكىيدۇ، ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا (دەۋەت قىلىنغان نەرسىدىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرۈسەن
تەپسىر
بۇ مۇناپىقلارغا: سادىر قىلغان خاتالىقىڭلارنى تونۇپ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ يېنىغا بېرىڭلار. ئۇ سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسۇن، دېيىلسە، ئۇلار كەمسىتىش ۋە مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن باشلىرىنى تولغايدۇ. ئۇلارنى بۇيرۇلغان ئىشلاردىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن. ئۇلار ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشتىن باش تارتقۇچىلاردۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ