سۈرە 63 · پارە 28
سورة المنافقون · 63:4
۞ وَإِذَا رَأَيْتَهُمْ تُعْجِبُكَ أَجْسَامُهُمْ ۖ وَإِنْ يَقُولُوا تَسْمَعْ لِقَوْلِهِمْ ۖ كَأَنَّهُمْ خُشُبٌ مُسَنَّدَةٌ ۖ يَحْسَبُونَ كُلَّ صَيْحَةٍ عَلَيْهِمْ ۚ هُمُ الْعَدُوُّ فَاحْذَرْهُمْ ۚ قَاتَلَهُمُ اللَّهُ ۖ أَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، بەدەن قۇرۇلۇشى (سالاپەتلىكى) سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە، (سۆزىنىڭ پاساھەتلىكىدىن) سۆزىگە قۇلاق سالىسەن، (ئىلىمسىز، ئەقىلسىز، پاراسەتسىزلىكتە) گويا ئۇلار تامغا يۆلەپ قويۇلغان (چىرىپ قالغان) ياغاچلاردۇر، ئۇلار (قورقۇنچتىن) ھەرقانداق ئاۋازنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان دەپ گۇمانلىنىدۇ، ئۇلار (ساڭا ۋە مۆمىنلەرگە) دۈشمەندۇر، ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن، اﷲ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقمۇ (ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ!
تەپسىر
ئەي قارىغۇچى! ئۇلارنىڭ قىياپىتى ۋە بەدەن شەكلىگە قارايدىغان بولساڭ، ئۇلاردىكى گۈزەللىك ۋە ھۇزۇر - ھالاۋەتنى كۆرۈپ ھەيران قالىسەن. ئۇلار سۆزلەيدىغان بولسا، سۆزلىرىنىڭ پاساھەتلىكلىكىدىن دېگەنلىرىگە قۇلاق سالىسەن. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلار سېنىڭ مەجلىسىڭدە خۇددى يۆلەپ قويغان ياغاچلاردەك ھېچنېمىنى چۈشەنمەي ۋە ئاڭقىرالماي ئولتۇرۇشىدۇ. ئۇلار ھەر قانداق ئاۋازنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان دەپ ئويلايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ خۇدۈكى بار. ئۇلار ھەقىقىي دۈشمەندۇر. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ سېنىڭ سىرىڭنى پاش قىلىپ، ساڭا سۇيىقەست قىلىشىدىن پەخەس بولغىن. ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇن. ئىماننىڭ دەلىللىرى شۇنچىۋالا روشەن، دەلىل - پاكىتلار شۇنچىۋالا ئېنىق تۇرۇپ يەنە ئۇلار قانداقسىگە ئىماندىن بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ