سۈرە 6 · پارە 7

سورة الأنعام · 6:74

۞ وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ لِأَبِيهِ آزَرَ أَتَتَّخِذُ أَصْنَامًا آلِهَةً ۖ إِنِّي أَرَاكَ وَقَوْمَكَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ

ئۆز ۋاقتىدا، ئىبراھىم ئۆز ئاتىسى ئازەرگە: «(سەن ئۆزۈڭنى ياراتقان اﷲ نى قويۇپ) بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن ئېنىق گۇمراھلىقتا كۆرۈمەن» دېدى

تەپسىر

ئەي پەيغەمبەر! (قەۋمىڭگە مۇنۇ ۋەقەلىكنى) سۆزلەپ بەرگىن: ئەينى ۋاقىتتا ئىبراھىم مۇشرىك دادىسى ئازەرگە: ئەي ئاتا، ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى سىغىنىدىغان ئىلاھ قىلىۋالامسەن؟ ھەقىقەتەن مەن سېنى ۋە بۇتلارغا سىغىنىۋاتقان قەۋمىڭنى، ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا سىغىنغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ۋە توغرا يولدىن ئادىشىپ قالغان دەپ قارايمەن. چۈنكى سىغىنىشقا ھەقىقىي لايىق زات بارچە ئەيىب-نۇقسانلاردىن پاك بولغان ئاللاھ تائالادۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى ساختا ئىلاھلاردۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ