سۈرە 6 · پارە 7

سورة الأنعام · 6:73

وَهُوَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ ۖ وَيَوْمَ يَقُولُ كُنْ فَيَكُونُ ۚ قَوْلُهُ الْحَقُّ ۚ وَلَهُ الْمُلْكُ يَوْمَ يُنْفَخُ فِي الصُّورِ ۚ عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ ۚ وَهُوَ الْحَكِيمُ الْخَبِيرُ

اﷲ ئاسمانلارنى، زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى، اﷲ (بىرەر شەيئىگە) «ۋۇجۇدقا كەل» دېسە (دەرھال) ۋۇجۇدقا كېلىدىغان كۈندىكى (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى) ئازابتىن قورقۇڭلار. اﷲ نىڭ سۆزى ھەقتۇر، سۇر چېلىنىدىغان كۈندىكى (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى) پادىشاھلىق اﷲ قا خاستۇر، اﷲ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا نەرسىلەرنى بىلگۈچىدۇر، اﷲ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن) خەۋەرداردۇر

تەپسىر

ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق رەۋىشتە ياراتتى، ئۇ ھەر نەرسىگە: «ۋۇجۇدقا كەل» دېسىلا دەرھال ۋۇجۇدقا كېلىدىغان بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ چاغدا، يەنى قىيامەت كۈنى بەندىلىرىگە: (قەبرەڭلاردىن) تۇرۇڭلار! دەيدۇ - دە، ھەممەيلەن شۇ ھامانلا تىرىلىپ قوپىدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ راست سۆزىدۇركى، بۇ ئىش شەكسىز يۈز بېرىدۇ. قىيامەت كۈنىدىكى پادىشاھلىق يالغۇز ئاللاھقىلا مەنسۇپتۇر. بۇ چاغدا ئىسرافىل ئەلەيھىسسالام ئىككىنچى قېتىملىق سۈرنى چالىدۇ. ئاللاھ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە كۆرۈنمىگەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ يارىتىشىدا ۋە تەدبىرىدە ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. بارلىق مەخپىي ئىشلار ئۇنىڭ نەزىرىدە ئاشكارىغا ئوخشاشتۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ