سۈرە 6 · پارە 7
سورة الأنعام · 6:40
قُلْ أَرَأَيْتَكُمْ إِنْ أَتَاكُمْ عَذَابُ اللَّهِ أَوْ أَتَتْكُمُ السَّاعَةُ أَغَيْرَ اللَّهِ تَدْعُونَ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار ئېيتىپ بېقىڭلار، ئەگەر سىلەرگە اﷲ نىڭ ئازابى ياكى قىيامەت كەلسە، اﷲ تىن غەيرىيگە ئىلتىجا قىلامسىلەر؟
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: قېنى دەپ بېقىڭلار، ئەگەر مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا پايدا-زىيان ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن بىرەر ئازاب ياكى چوقۇم يۈز بېرىشى ۋەدە قىلىنغان قىيامەت كەلسە، شۇ چاغدا بېشىڭلارغا كەلگەن خاپىلىق ۋە مۈشكۈلچىلىكنى كۆتۈرۈۋېتىشى ئۈچۈن يەنە ئاللاھتىن باشقىغا يېلىنامسىلەر؟
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ