سۈرە 6 · پارە 7
سورة الأنعام · 6:39
وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا صُمٌّ وَبُكْمٌ فِي الظُّلُمَاتِ ۗ مَنْ يَشَإِ اللَّهُ يُضْلِلْهُ وَمَنْ يَشَأْ يَجْعَلْهُ عَلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار گاسلاردۇر (يەنى قوبۇل قىلىش يۈزىسىدىن ئاڭلىمايدۇ)، گاچىلاردۇر (يەنى ھەقنى سۆزلىمەيدۇ). ئۇلار (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە قالغانلاردۇر، اﷲ خالىغان ئادەمنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا سالىدۇ
تەپسىر
ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار ئاڭلىمايدىغان گاس ۋە سۆزلىيەلمەيدىغان گاچىغا ئوخشاشتۇر. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۇلار قاراڭغۇلۇقلار ئىچىدە بولۇپ كۆرەلمەيدۇ. بۇنداق ھالەتتىكى ئادەم قانداقمۇ توغرا يولنى تاپالىسۇن؟ ئاللاھ ئىنسانلاردىن گۇمراھ قىلىشنى خالىغان كىشىنى گۇمراھ قىلىدۇ، ھىدايەت قىلىشنى خالىغان كىشىنى ھېچ قانداق قىڭغىرلىق بولمىغان توغرا يول ئۈستىدە قىلىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ