سۈرە 6 · پارە 7

سورة الأنعام · 6:33

قَدْ نَعْلَمُ إِنَّهُ لَيَحْزُنُكَ الَّذِي يَقُولُونَ ۖ فَإِنَّهُمْ لَا يُكَذِّبُونَكَ وَلَٰكِنَّ الظَّالِمِينَ بِآيَاتِ اللَّهِ يَجْحَدُونَ

ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار سېنى (ئىچىدە) ئىنكار قىلمايدۇ (لېكىن ئۇلار تەرسالىقتىن ئىنكار قىلىدۇ)، (ھەقىقەتتە) زالىملار اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ

تەپسىر

ئەي پەيغەمبەر! قارىماققا ئۇلارنىڭ سېنى ئىنكار قىلىشلىرىنىڭ سېنى بىئارام قىلىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز. سەنمۇ شۇنى بىلگىنكى، ئۇلار سېنى چىن كۆڭلىدە يالغانچى دېمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار سېنىڭ راستچىل ۋە ئامانەتچانلىقىڭنى بىلىدۇ. لېكىن ئۇلار زالىم كىشىلەر بولغاچقا، قارىماققا سېنىڭ ئىشىڭنى ئىنكار قىلغاندەك قىلىدۇ - يۇ، كۆڭۈللىرىدە ئۇنىڭغا چىن پۈتىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ