سۈرە 6 · پارە 7

سورة الأنعام · 6:32

وَمَا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا إِلَّا لَعِبٌ وَلَهْوٌ ۖ وَلَلدَّارُ الْآخِرَةُ خَيْرٌ لِلَّذِينَ يَتَّقُونَ ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ

دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن، غەپلەتتىنلا ئىبارەت، تەقۋادارلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇ دۇنيا ياخشىدۇر، (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر؟

تەپسىر

ئۇلار بېرىلىپ كەتكەن دۇنيا ھاياتى ئاللاھ رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلمايدىغان كىشىگە نىسبەتەن پەقەت ئويۇن ۋە غەپلەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەمما ئاخىرەتتىكى ھايات ئاللاھ بۇيرۇغان ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ھەمدە چەكلىگەن شېرىك ۋەگۇناھ-مەئسىيەتلەردىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ھەممىدىن ياخشىدۇر. ئەي مۇشرىكلار! بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟ (ئەگەر چۈشەنگەن بولساڭلار) ئىمان ئېيتىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلاتتىڭلار.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ