سۈرە 59 · پارە 28

سورة الحشر · 59:7

مَا أَفَاءَ اللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِ مِنْ أَهْلِ الْقُرَىٰ فَلِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَابْنِ السَّبِيلِ كَيْ لَا يَكُونَ دُولَةً بَيْنَ الْأَغْنِيَاءِ مِنْكُمْ ۚ وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانْتَهُوا ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۖ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ

اﷲ پەيغەمبىرىگە غەنىمەت قىلىپ بەرگەن ئەلى قۇرا (يەنى قۇرەيزە، نەزىر، پەدەك ۋە خەيبەر كۇففارلىرى) نىڭ ماللىرىنى، ئىچىڭلاردىكى بايلار ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن، اﷲ قا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ خىش - ئەقرىبالىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە خاس قىلدى، پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، اﷲ تىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ ئازابى قاتتىقتۇر

تەپسىر

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە جەڭ قىلماستىن ئاتا قىلغان ئەھلى قۇرا (بەنى قۇرەيزە، بەنى نەزىر، پەدەك ۋە خەيبەر كۇففارلىرى) نىڭ ماللىرى ئاللاھ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئۇنىڭدا پەيغەمبەرنىڭ ۋە ئۇنىڭ بەنى ھاشىم ۋە بەنى مۇتتەلىب جەمەتىدىن بولغان ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭمۇ مەلۇم مىقداردا ھەققى بار. بۇ، ئۇلارنىڭ سەدىقىدىن چەكلەنگەنلىكىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىش ئۈچۈندۇر. يەنە يېتىملەرنىڭ، يوقسۇللارنىڭ ۋە خىراجىتى تۈگەپ كەتكەن مۇساپىرنىڭمۇ ھەققى بار. (ئاللاھنىڭ بۇ ھۆكۈمنى يولغا قويۇشى) غەنىمەت مالنىڭ كەمبەغەللەر بىر ياقتا قېلىپ، بايلارنىڭ ئارىسىدا قولدىن - قولغا ئۆتۈپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈندۇر. ئەي مۇئمىنلەر! غەنىمەت ماللاردىن پەيغەمبەر بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەندىن يېنىڭلار. ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئازابى قاتتىق زاتتۇركى، ئۇنىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇشتىن پەخەس بولۇڭلار.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ