سۈرە 59 · پارە 28

سورة الحشر · 59:6

وَمَا أَفَاءَ اللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِ مِنْهُمْ فَمَا أَوْجَفْتُمْ عَلَيْهِ مِنْ خَيْلٍ وَلَا رِكَابٍ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يُسَلِّطُ رُسُلَهُ عَلَىٰ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ

اﷲ پەيغەمبىرىگە ئۇلاردىن (يەنى بەنى نەزىرنىڭ ماللىرىدىن) قايتۇرغان غەنىمەتلەرنى سىلەر ئات - تۆگىلەرنى چاپتۇرۇپ (يەنى ئەجىر قىلىپ، جاپا - مۇشەققەت تارتىپ) قولغا كەلتۈرگەن ئەمەس، لېكىن اﷲ پەيغەمبەرلىرىنى خالىغان ئادەمگە مۇسەللەت قىلىدۇ، اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر

تەپسىر

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە بەنى نەزىرنىڭ ماللىرىدىن قايتۇرۇپ بەرگەن غەنىمەتلەرنى سىلەر ئۇنى ئېلىش ئۈچۈن ئات - تۆگىلەرنى چاپتۇرمىدىڭلار. سىلەرگە ھېچقانداق خاپىلىقمۇ كەلمىدى. لېكىن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرىنى خالىغان كىشى ئۈستىدىن غالىب قىلىدۇ. دەرۋەقە ئاللاھ ئۆز پەيغەمبىرىنى بەنى نەزىر ئۈستىدىن غالىب قىلدى. نەتىجىدە ئۇ، ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى جەڭ قىلمايلا پەتھ قىلدى. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇركى، ئۇنى ھېچ نەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ