سۈرە 59 · پارە 28
سورة الحشر · 59:24
هُوَ اللَّهُ الْخَالِقُ الْبَارِئُ الْمُصَوِّرُ ۖ لَهُ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ ۚ يُسَبِّحُ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
اﷲ (ھەممىنى) ياراتقۇچىدۇر، (يوقلۇقتىن) پەيدا قىلغۇچىدۇر، (ھەممە نەرسىگە) سۈرەت (شەكىل) بېغىشلىغۇچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسىملارغا ئىگىدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
تەپسىر
ئاللاھ تائالا بارچە نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، شەيئىلەرنى پەيدا قىلغۇچىدۇر، مەخلۇقاتلىرىنى ئۆزى خالىغانچە شەكىلگە كەلتۈرگۈچىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ئالىي سۈپەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۈزەل ئىسىملىرى باردۇر. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارچە مەخلۇقات ئۇنى ھەر قانداق ئەيىب - نۇقساندىن پاك دەپ بىلىدۇ. ئۇ ھەممىدىن غالىبتۇركى، ھېچكىم ئۇنى يېڭەلمەيدۇ. يارىتىشىدا، قانۇنىدا ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ