سۈرە 59 · پارە 28
سورة الحشر · 59:23
هُوَ اللَّهُ الَّذِي لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْمَلِكُ الْقُدُّوسُ السَّلَامُ الْمُؤْمِنُ الْمُهَيْمِنُ الْعَزِيزُ الْجَبَّارُ الْمُتَكَبِّرُ ۚ سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يُشْرِكُونَ
اﷲ تىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ (مۇتلەق) پادىشاھتۇر (يەنى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ مالىكىدۇر)، پاكتۇر (يەنى ھەممە نۇقساندىن پاكتۇر)، (مۆمىنلەرگە) سالامەتلىك بېغىشلىغۇچىدۇر، (دوستلارنى قورقۇنچتىن، ئازابتىن) ئەمىن قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، غالىبتۇر، قەھر قىلغۇچىدۇر، ئۇلۇغلۇق ئىگىسىدۇر، (مۇشرىكلارنىڭ) شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر
تەپسىر
ئاللاھ شۇنداق بىر زاتتۇركى، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوقتۇر، ئۇ يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر. ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئۇ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە تولىمۇ مېھىر - شەپقەتلىك زاتتۇركى، ئۇنىڭ رەھمىتى پۈتكۈل ئالەمنى ئىچىگە سىغدۇرىدۇ. ئۇ ھەممىنىڭ ئىگىسىدۇر، بارچە كەمچىلىكتىن پاك ھەم مۇقەددەستۇر. ھەر قانداق ئەيىبتىن ساغلامدۇر. روشەن مۆجىزىلەر بىلەن پەيغەمبەرلىرىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغۇچىدۇر. بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر. ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان غالىبتۇر. كۈچ - قۇدرىتى بىلەن ھەر نەرسىنى بويسۇندۇرالايدىغان قۇدرەتلىك زاتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلاردىن ۋە باشقا نەرسىلەردىن پاك ھەم مۇقەددەستۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ