سۈرە 57 · پارە 27
سورة الحديد · 57:28
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَآمِنُوا بِرَسُولِهِ يُؤْتِكُمْ كِفْلَيْنِ مِنْ رَحْمَتِهِ وَيَجْعَلْ لَكُمْ نُورًا تَمْشُونَ بِهِ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ۚ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
ئى (ئىساغا) ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! اﷲ تىن قورقۇڭلار، اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئىمان ئېيتىڭلار، اﷲ سىلەرگە رەھمىتىدىن ئىككى ھەسسە بېرىدۇ، سىلەرگە سىلەر (ئاخىرەتتە پىلسىراتتا) ماڭىدىغان نۇرنى پەيدا قىلىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، اﷲ بەكمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
تەپسىر
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەمدە ئاللاھ ئۆزلىرىگە يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلاركى، ئۇ سىلەرگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقىنىڭلار ۋە ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئىمان ئېيتقىنىڭلار ئۈچۈن ئىككى ھەسسە ساۋاب - مۇكاپات بېرىدۇ. سىلەرگە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە يولباشچى قىلىشىڭلار ئۈچۈن نۇر ئاتا قىلىدۇ. قىيامەت كۈنىدىمۇ شۇ نۇر بىلەن يورۇقلۇققا ئېرىشىسىلەر. ئاللاھ تائالا گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىپ، ئەيىبلىرىڭلارنى يۆگەيدۇ ۋە سىلەرنى گۇناھلىرىڭلارغا قارىتا جازاغا تارتمايدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا مېھرىباندۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ