سۈرە 57 · پارە 27

سورة الحديد · 57:27

ثُمَّ قَفَّيْنَا عَلَىٰ آثَارِهِمْ بِرُسُلِنَا وَقَفَّيْنَا بِعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ وَآتَيْنَاهُ الْإِنْجِيلَ وَجَعَلْنَا فِي قُلُوبِ الَّذِينَ اتَّبَعُوهُ رَأْفَةً وَرَحْمَةً وَرَهْبَانِيَّةً ابْتَدَعُوهَا مَا كَتَبْنَاهَا عَلَيْهِمْ إِلَّا ابْتِغَاءَ رِضْوَانِ اللَّهِ فَمَا رَعَوْهَا حَقَّ رِعَايَتِهَا ۖ فَآتَيْنَا الَّذِينَ آمَنُوا مِنْهُمْ أَجْرَهُمْ ۖ وَكَثِيرٌ مِنْهُمْ فَاسِقُونَ

ئۇلاردىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى داۋاملىق ئەۋەتتۇق، ئارقىدىن مەريەم ئوغلى ئىسانى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ دىللىرىغا شەپقەت ۋە مېھرىبانلىقنى سالدۇق، رەھبانىيەتنى ئۇلار ئۆزلىرى پەيدا قىلدى، ئۇلارغا ئۇنى بىز بېكىتمىدۇق، ئۇلار ئۇنى پەقەت اﷲ نىڭ رازىلىقىنى تىلەپ (پەيدا قىلدى)، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا لايىق دەرىجىدە ئەمەل قىلمىدى، ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەجرىنى ھەسسىلەپ بەردۇق، ئۇلاردىن نۇرغۇنى اﷲ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر

تەپسىر

شۇنىڭدىن كېيىن بىز پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئارقىمۇ-ئارقا ئەۋەتتۇق. ئۇلارنى ئۈممەتلىرىگە ئارقا - ئارقىدىن ئەۋەتتۇق. ئۇلاردىن كېيىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى بەردۇق. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىپ، ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا مېھىر - شەپقەت پەيدا قىلدۇق. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئەسلىدە ئۆز-ئارا دوستانە، بىر - بىرىگە كۆيۈنىدىغان كىشىلەر ئىدى. (كېيىن) دىنلىرىدا ئاشقۇنلۇق پەيدا قىلىپ، نىكاھلىنىش ۋە ھۇزۇر - ھالاۋەتتىن بەھىرلىنىشتىن ئىبارەت ئاللاھ ھالال قىلىپ بەرگەن ئىشلارنى تاشلىۋەتتى. ئەمەلىيەتتە بىز ئۇلاردىن ئۇنداق قىلىشنى تەلەپ قىلمىغان ئىدۇق. ئۇلار پەقەت دىندا يوق ئىشنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئۇ ئىشلارنى ئۆزلىرىگە زورلاپ تاڭدى. بىز پەقەت ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەشنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق. لېكىن ئۇلار (بىز بۇيرۇغاننى) قىلمىدى. ئاندىن بىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ مۇكاپاتىنى بەردۇق. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ