سۈرە 52 · پارە 27
سورة الطور · 52:48
وَاصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ فَإِنَّكَ بِأَعْيُنِنَا ۖ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ حِينَ تَقُومُ
پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى تەخىر قىلىش (ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھىمايىمىزدىدۇرسەن، (ئۇيقۇدىن) تۇرغان ۋاقتىڭدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ تەقدىرىگە ۋە ئۇنىڭ شەرئىي ھۆكمىگە سەۋرچان بولغىن. چۈنكى سەن بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋە ھىمايىمىزدە سەن. ئۇيقۇڭدىن ئويغانغىنىڭدا پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدۇسانا ئېيتىش ئارقىلىق تەسبىھ ئېيتقىن.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ