سۈرە 52 · پارە 27

سورة الطور · 52:47

وَإِنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا عَذَابًا دُونَ ذَٰلِكَ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ

ئۇلار ئۇنىڭدىن (يەنى ئاخىرەتتىكى ئازابتىن) بۇرۇن (دۇنيادىمۇ بىر تۈرلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ)، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ

تەپسىر

شەكسىزكى شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارغا ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن بۇرۇنمۇ ئازاب بار. يەنى دۇنيادا ئۆلتۈرۈلۈش ۋە ئەسىرگە چۈشۈش بىلەن، بەرزەختە قەبرە ئازابى بىلەن ئازابلىنىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار كۇپرىسىدا ئىزچىل تۇرىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ