سۈرە 47 · پارە 26

سورة محمد · 47:20

وَيَقُولُ الَّذِينَ آمَنُوا لَوْلَا نُزِّلَتْ سُورَةٌ ۖ فَإِذَا أُنْزِلَتْ سُورَةٌ مُحْكَمَةٌ وَذُكِرَ فِيهَا الْقِتَالُ ۙ رَأَيْتَ الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ يَنْظُرُونَ إِلَيْكَ نَظَرَ الْمَغْشِيِّ عَلَيْهِ مِنَ الْمَوْتِ ۖ فَأَوْلَىٰ لَهُمْ

مۆمىنلەر (جىھادنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن): «نېمىشقا (جىھاد ئەمرى قىلىنغان) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنمىدى؟» دەيدۇ، جىھاد زىكرى قىلىنغان ئېنىق سۈرە نازىل قىلىنغاندا، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) ساڭا ئۆلۈم ئالدىدا (ئۆلۈمدىن قورقۇپ) ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، (ئى مۇھەممەد!) (ئۇلارنىڭ ساڭا) ئىتائەت قىلىشى ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا، ئۇلار اﷲ قا سادىق بولۇشسا ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى

تەپسىر

ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەر -ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز پەيغەمبىرىگە جىھادنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرەر سۈرە نازىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ-: ئاللاھ نېمىشقا جىھادنىڭ ھۆكۈملىرى تىلغا ئېلىنغان بىرەر سۈرە نازىل قىلمىدى، دېيىشىدۇ. ئاللاھ تائالا بايانى ۋە ھۆكۈملىرى ئېنىق بېكىتىلگەن (مۇھكەم)، جىھادنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرەر سۈرە نازىل قىلسا، -ئەي پەيغەمبەر!- قەلبىدە گۇمان بار مۇناپىقلارنىڭ ساڭا خۇددى قاتتىق قورقۇپ، ئالاقىزادە بوپكەتكەنلىكتىن ھوشىنى يوقاتقان ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا كېلىدىغان ئازابنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۇلارنى چىرمىۋالغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ جىھادتىن قورقۇپ، جىھادقا چىققىلى ئۇنىمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئازابنىڭ ئۇلارغا تولىمۇ يېقىنلاپ قالغانلىقى بىلەن تەھدىت قىلىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ