سۈرە 47 · پارە 26
سورة محمد · 47:19
فَاعْلَمْ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا اللَّهُ وَاسْتَغْفِرْ لِذَنْبِكَ وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مُتَقَلَّبَكُمْ وَمَثْوَاكُمْ
بىلگىنكى، اﷲ تىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر - ئايال مۆمىنلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، اﷲ سىلەرنىڭ (بۇ دۇنيادىكى) ھەرىكىتىڭلارنى ۋە (ئاخىرەتتىكى) جايىڭلارنى بىلىدۇ (شۇڭا ئاخىرەتلىك ئۈچۈن تەييارلىنىڭلار)
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھتىن باشقا بەرھەق مەبۇدنىڭ يوقلۇقىغا چىن پۈتكىن، گۇناھلىرىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈنمۇ مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ كۈندۈزدىكى ئىش - پائالىيەتلىرىڭلارنىمۇ، كېچىدىكى قارارگاھىڭلارنىمۇ بىلىدۇ، ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ