سۈرە 47 · پارە 26

سورة محمد · 47:16

وَمِنْهُمْ مَنْ يَسْتَمِعُ إِلَيْكَ حَتَّىٰ إِذَا خَرَجُوا مِنْ عِنْدِكَ قَالُوا لِلَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ مَاذَا قَالَ آنِفًا ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ طَبَعَ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ وَاتَّبَعُوا أَهْوَاءَهُمْ

ئۇلاردىن (يەنى مۇناپىقلاردىن) بەزى كىشىلەر سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭدىن چىققاندا، ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەرگە (يەنى ساھابىلەرنىڭ ئۆلىمالىرىغا مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «بايا ئۇ (يەنى مۇھەممەد) نېمە دېدى؟» دەيدۇ، ئەنە شۇلار اﷲ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەنلەردۇر، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەنلەردۇر

تەپسىر

ئەي پەيغەمبەر! مۇناپىقلار ئىچىدە قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ دېگەنلىرىڭنى تىڭشاپ بېقىش ئۈچۈن، ئەكسىچە يۈز ئۆرۈپ تۇرۇپ ساڭا قۇلاق سالىدىغانلارمۇ بار. ئۇلار سېنىڭ يېنىڭدىن چىققىنىدا ئاللاھ تائالا ئىلىم بەرگەن كىشىلەرگە: مۇھەممەد باياتىن گەپ ئارىلىقىدا نېمە دېدى؟ دەيدۇ. ئۇلار بۇ گەپنى ھېچنېمىنى بىلمىگەن قىياپەتتە ۋە يۈز ئۆرۈگەن ھالدا دەيدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھ تائالا قەلبلىرىگە مۆھۈر بېسىۋەتكەنلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە ياخشىلىق كىرەلمەيدۇ، ئۇلار ھاۋايى - ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرگەن بولغاچقا، ھاۋايى - ھەۋەسلىرى ئۇلارنى ھەقتىن كور قىلىۋەتكەندۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ