سۈرە 47 · پارە 26
سورة محمد · 47:15
مَثَلُ الْجَنَّةِ الَّتِي وُعِدَ الْمُتَّقُونَ ۖ فِيهَا أَنْهَارٌ مِنْ مَاءٍ غَيْرِ آسِنٍ وَأَنْهَارٌ مِنْ لَبَنٍ لَمْ يَتَغَيَّرْ طَعْمُهُ وَأَنْهَارٌ مِنْ خَمْرٍ لَذَّةٍ لِلشَّارِبِينَ وَأَنْهَارٌ مِنْ عَسَلٍ مُصَفًّى ۖ وَلَهُمْ فِيهَا مِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ وَمَغْفِرَةٌ مِنْ رَبِّهِمْ ۖ كَمَنْ هُوَ خَالِدٌ فِي النَّارِ وَسُقُوا مَاءً حَمِيمًا فَقَطَّعَ أَمْعَاءَهُمْ
تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلار، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلار، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەيدىن ئۆستەڭلار ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا جەننەتتە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك مېۋىلەر بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مەغپىرەت بولىدۇ، (مۇنداق تەقۋادارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە - پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟
تەپسىر
ئاللاھ تائالا -بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق- تەقۋادار بولغانلارنى كىرگۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلغان جەننەتنىڭ سۈپىتى مۇنۇلاردۇر: ئۇ جەننەتلەردە ئۇزۇن تۇرۇپ قالغانلىقتىن پۇرىقى ۋە تەمى ئۆزگىرىپ كەتمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلەر، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلەر، ئىچكۈچىلەرگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان شاراپتىن ئۆستەڭلەر، ئارىلاشمىلاردىن ساپ بولغان ھەسەلدىن ئۆستەڭلەر بار. ئۇلار ئۈچۈن جەننەتلەردە ھەرتۈرلۈك مېۋە - چىۋىلەردىن ئۇلارنىڭ خالىغىنى بار. ئۇلارنىڭ يەنە بۇلاردىن سىرت ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىپ، كىچىك گۇناھلىرىغا قارىتا جازاغا تارتىلمايدۇ. مۇكاپاتى مۇشۇنداق بولغان ئادەم دوزاخقا چۈشكەن، ئۇنىڭدىن مەڭگۈ چىقالمايدىغان، ھارارىتى ئىنتايىن قىزىق قايناق سۇ بىلەن سۇغۇرۇلۇپ، ھارارەتنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئۈچەي باغلىرى پارە - پارە بوپكېتىدىغان ئادەمگە ئوخشاش بولامدۇ؟
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ