سۈرە 40 · پارە 24

سورة غافر · 40:85

فَلَمْ يَكُ يَنْفَعُهُمْ إِيمَانُهُمْ لَمَّا رَأَوْا بَأْسَنَا ۖ سُنَّتَ اللَّهِ الَّتِي قَدْ خَلَتْ فِي عِبَادِهِ ۖ وَخَسِرَ هُنَالِكَ الْكَافِرُونَ

بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىماننىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، بۇ (يەنى ئازابنى كۆرگەندە ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىلىق بولماسلىقى) اﷲ نىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا تۇتقان يولىدۇر، بۇ چاغدا كاپىرلار زىيان تارتقۇچى بولدى

تەپسىر

ئۇلارنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىمانىنىڭ پايدىسى بولمىدى. ئازابنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىسى بولماسلىقى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە تۇتقان يولىدۇر. كاپىرلار ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقى ۋە ئازابنى كۆرۈشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئازاب كەلگەن چاغدا ھالاكەتكە دۇچار بولۇش ئارقىلىق زىيان تارتتى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ