سۈرە 40 · پارە 24

سورة غافر · 40:84

فَلَمَّا رَأَوْا بَأْسَنَا قَالُوا آمَنَّا بِاللَّهِ وَحْدَهُ وَكَفَرْنَا بِمَا كُنَّا بِهِ مُشْرِكِينَ

ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا: «بىز بىر اﷲ قا ئىمان ئېيتتۇق، بىز بۇرۇن (اﷲ قا) شېرىك قىلغان بۇتلارنى ئىنكار قىلدۇق» دېدى

تەپسىر

ئۇلار ئازابىمىزنى كۆرگەن، (ھەقىقەتنى) ئىقرار قىلغاننىڭ پايدىسى بولمايدىغان ۋاقىتتا ئىقرار قىلىپ: بىز يالغۇز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بۇرۇن ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان شېرىكلەرنى ۋە بۇتلارنى ئىنكار قىلدۇق، دېيىشتى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ

سورة غافر 40:84 · Tlawati